Protest Announcement on the 71st Anniversary of China’s Unlawful Occupation in East Turkistan
Organiser: East Turkistan Australian Association
On the 71st anniversary of the illegal occupation of East Turkestan by the Chinese oppressors, to condemn the China’s unlawful occupation and 71 years of Chinese brutality in East Turkistan, to address the legitimate proposition for independence and liberty for our beloved nation to the world, to reveal the 71 years of atrocities, crimes against humanity and ongoing genocide policies of the Chinese State committed in East Turkistan to Australian public, East Turkistan Australian Association calls for a protest on Thursday 1st October 2020 in front of the SA Parliament House from 11:0am to 2:00pm. This protest is aimed to raise awareness on the China’s atrocities against the Uyghurs during the 71 years of Chinese oppression in East Turkistan. East Turkistan Australian Association calls and invites all East Turkistani community members, Australia media, other organizations and individuals interested in the cause of East Turkistan to stand in solidarity with Uyghur people of East Turkistan.
The Chinese communist state illegally invaded East Turkestan in 1949 and renamed the “East Turkistan Republic” in 1955 to so-called “Xinjiang (East Turkistan) Uyghur Autonomous Region.” In this 71-year-old captivity of our country, the Chinese oppressive regime, the bloodthirsty and insatiable people of China, and the shameful partners of the Chinese state have committed crimes against humanity in East Turkistan, looting this fertile and prosperous land and squandering our resources. In order to eradicate the thousands of years of liberation history of our land, they have pursued an unspeakable policy of torture and extermination to our nation. 71 years of captivity and occupation proved the endless cruelties are happening to our beloved people. These atrocities have never stopped, but they are becoming more and more extreme, threatening to degrade our nation and destroy our country.
China’s 71-year occupation and massacre policies have violated the human rights and freedoms of our people, and China’s policies of violence, assimilation, genocide and repression continue to evolve in the eyes of international community. Since 2017, there have been credible reports to state that Chinese dystopian state rounded up 8.6 million Uyghurs and other Turkic peoples in Nazi Styled concentration camps in East Turkistan. The Western World described East Turkestan as “the execution site of unprecedented atrocities”, “open prisons”, “stains of the 21st century”, and “examples of hell.” East Turkistani people in exile are becoming forced prisoners in free countries without even receiving news of their loved ones alive or dead.
The Chinese oppressive regime celebrates 1st October as their national holiday, but this day is a day of mourning for East Turkistanis and a day of revenge for East Turkistan. We, the legitimate heirs of East Turkestan in exile, and more than 30 million of our nation in our homeland will never accept this illegal occupation and declare to the world that the people of East Turkistan will not give up the will and freedom of the motherland.
The East Turkistan Australian Association is sending message to whole humanity through this protest on 1st October that men and women who can inherit East Turkistan’s will for independence do not stop fighting Chinese oppressors until the last person and last breath.
Let’s gather in front of the South Australian Parliament building on 1st October 2020 at 11:00 against the tyrant and show our unity and equality!!! Let us join together to halt the China’s Genocide and Occupation in East Turkistan. Let us voice up for the more than 8.6 million Uyghurs, Kazakhs, Kyrgyz and Uzbek prisoners unjustly imprisoned in the tyrannical Chinese concentration camps. Chinese Invaders out, out of East Turkistan! Long live the freedom and independence of East Turkistan!!!
Date: 1st October 2020. Thursday
Location: South Australian Parliament House, North Terrace. Adelaide. Australia
East Turkistan Australian Association
For More Information and Media Contact: 0435359449 (Nurmuhammad), 0415539803 (Meyassar)
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 71 يىللىق ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۇقتۇرىشى
ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورگان: شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى
ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتتاي زالىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 71 – يىلىدا پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق روھىنى دۇنياغا جاكارلاش ۋە ئاۋسترالىيە جامائەتچىلىكىگە خىتتاي زالىملىرىنىڭ 71 يىللىق ئىشغالىيىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچلىق ۋە باشقا تۈردىكى قەتلىئام سىياسەتلىرىنى بىلدۈرۈش مەقسەدلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا 2020- يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى- پەيشەنبە ئادېلەيد شەھىرىدىكى شىتاتلىق پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قىزىقىدىغان ئاخبارات، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى بۇ نامايىش پائالىيىتىگە چاقىرىدۇ.
خىتتاي كومۇنىست دۆلىتى 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستانغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىپ 1955- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ قۇتلۇق نامى بولغان ” شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” نى ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنومىيە رايۇنى ” دەپ ئۆزگەرتتى. دۆلىتىمىز مۇنقەرز بولغان بۇ 71 يىللىق ئاسارەتتە، خىتتاي زالىم ھاكىمىيىتى، خىتتاينىڭ قانخور ۋە تويماس خەلقى ۋە خىتتاي دۆلىتىنىڭ شەرمەندە شىرىكلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، زېمىنى مۇنبەت، خەلقى پاراۋان بولغان بۇ ئەلۋەك تۇپراقنى دەپسەندە قىلىپ، بايلىقلىرىمىزنى تالان تاراج قىلىشتى. تۇپرىقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھۆرلۈك تارىخىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مىللىتىمىزگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قىيىن قىستاقلارنى ۋە يۇقىتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشتى. 71 يىللىق ئاسارەت ۋە ئىشغالىيەت خەلقىمىزنىڭ بېشىغا تارىختا كۆرۈلمىگەن قىسمەتلەرنى يازماقتا. بۇ زۇلۇملار ھىچقاچان توختاپ قالغىنى يۇق بەلكى كۈنسىرى ئەسەبىيلىشىپ، مىللىتىمىز يوق قىلىنىش، دۆلىتىمىز خانۇ- ۋەيران بولۇش خەۋپىدە تۇرماقتا.
71 يىللىق خىتتاي ئىشغالىيىتى ۋە قىرغىن قىلىش سىياسەتلىرى خەلقىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرى دەپسەندە قىلىندى ، خىتاينىڭ زوراۋانلىق، ئاسسىمىلياتسىيە، ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2017 –يىلىدىن بۇيان بۇيان خەلقىمىز ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ، خىتاي قاتىللىرىنىڭ ناتسىستلارچە جازا لاگېرلىرىغا 8 مىليون 600 ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەردىن بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قامىغانلىقىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىپ دوكلات ئېلان قىلدى. غەرب دۇنياسى شەرقى تۈركىستاننى “تارىختا كۆرۈلمىگەن ۋەھشىي قەتلىئاملارنىڭ ئىجرا مەيدانى”، ” ئۈستى ئۇچۇق تۈرمە” ، ” 21- ئەسىرنىڭ قانلىق يارىسى”، ” دوۋزاقنىڭ مىسالى” دەپ تەسۋىرلىمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ تىرىك ياكى ئۆلگەنلىك خەۋىرىنىمۇ ئالالماي، ھۆر دۆلەتلەردىكى مەجبۇرىي مەھبۇسلارغا ئايلانماقتا.
خىتتاي زالىم ھاكىمىيىتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى دەپ تەنتەنە قىلىشىدۇ، ئەمما بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ قىساس كۈنىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھاجىرەتتىكى قانۇنلۇق ۋارسلىرى بولغان بىزلەر ۋە بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزدىكى 30 مىليۇندىن ئارتۇق ئەزىز مىللىتىمىز بۇ قانۇنسىز ئىشغالىيەتنى مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈك ئىرادىسىنى ۋە ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىىلەردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى بۇ كۈندىكى نامايىش پائالىيىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە شۇنداق خىتاپ قىلىدۇكى- شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ۋارسلىق قىلالايدىغان ئەركەكلىرى ۋە خاتۇن – قىزلارى ئەڭ ئاخىرقى بىر جان ۋە ئەڭ ئاخىرقى تىنىق قالغانغا قەدەر خىتتاي زالىملىرىغا قارشى كۆرەشنى توختاتمايدۇ.
زالىمغا قارشى مەيدانغا 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 11:00 دە ئادېلەيد پارلامنىت بىناسى ئالدىدا جەم بولايلى، بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزنى نامايەن قىلايلى !!! زالىم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ناھەق قامالغان 8 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مەھبۇسلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ خىتاي زۇلۇمىغا خاتىمە بىرىشكە ئاتلىنايلى. يۇقالسۇن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى! ياشاسۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى!!!
ۋاقتى: 2020-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى. پەيشەنبە
ئورنى: جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شىتاتلىق پارلامىنت بىناسى، شىمالىي كوچا. ئادېلەيد. ئاۋسترالىيە
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى
بىلگىلەر ۋە ئاخبارات ئالاقىسى ئۈچۈن : نۇرمۇھەممەد 0435359449، مىيەسسەر