East Turkistan Australian Association
Calls Nationwide Protest to condemn the Chinese Occupation & 70 years of Genocide Policies on Uyghur People of East Turkistan and Major Protest to be held in Melbourne on 5th July 2019 and Adelaide on 6th July 2019. Organisations in different states are holding various commemorative events in their respective cities on 5th, 6th or 7th July 2019.
China occupied East Turkistan in 1949 and in the last 7 decades, the brutal Chinese Regime has never stopped genocide of Uyghurs causing entire Uyghur Nation to face endless tragedies. 5th July 2019 Marks the 10th Anniversary for July 2009 Urumqi Massacre where Uyghur protestors were killed and further harsh crackdown on Uyghur people were carried out by Chinese Authorities. Today the situation is even unimaginable as over THREE million Uyghurs are detained in Concentration Camps and they need your voice and your action.
Melbourne Protest time and venue: Friday 5th July 2019 the Anti-China protest to be held at the Chinese Consulate at 534 Toorak Road, Toorak, VIC3142 from 10:00am to 12:00noon..
Adelaide Event: on Saturday 6th July 2019 Assembly at Victoria Square Adelaide at 11:00am, the. March toward SA Parliament House at 11:30 to continue the media release speeches and statements at Parliament House, North Terrace. Adelaide.
Freedom of our motherland East Turkistan is an challenging but rewarding task for all country loving hearts and souls. The miserable brothers and sisters who are hopeless, helpless and voiceless under the Chinese regime are calling your and my name to support. Don’t ignore them. Join us to condemn the oppressive Chinese Occupation, Call for the freedom and Independence of East Turkistan.
Please share this message to anyone in your contact, friends. And families, Government Representatives and Media contacts and ask them to join for the freedom loving Uyghur Muslims of East Turkistan.
For more information: www.etaa.org.au
0411857847;0435359449
East Turkistan Australian Association
20th June 2019
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى نامايىش ئۇقتۇرىشى
2009-يىلىدىكى ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 10-يىللىقى مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىق زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بولغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق مەيدانىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى مېلبورندىكى خىتتاي كونسۇلى ئالدىدا ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەمكارلىقىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارىدۇ. جايلاردىكى تەشكىلاتلار 6-ئىيۇل شەنبە ۋە 7-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە باشقا تۈردىكى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
2019-يىلى 6-ئىيۇل شەنبە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى ئادېلەيد شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.
نامايىش ۋاقتى مېلبورندا 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى جۈمە چۈشتىن بۇرۇن 10:00دىن 12:00گىچە خىتتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا.
ئادېلەيتە : 2019-يىلى 6-ئىيۇل شەنبە ئەتىگەن سائەت 11:00 دە ۋىكتورىيە مەيدانىغا توپلىنىپ 11:30دە پارلامىنت بىناسىغا يۈرۈش ۋە پارلامىنت ئالدىدا چۈشتىن كېيىن 1:00گىچە نامايىش داۋام قىلىدۇ.
ۋەتەن دەۋاسى شەرەپلىك دەۋادۇر. شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى قانغا مىلىنىپ، بەگ بولىدىغان ئەركەكلەر، خانىش بولىدىغان ئايال قىزلىرىمىز ئاياق ئاستى قىلىنماقتا. 10يىل ئالدىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا قانلىرى تۆكۈلگەن شەھىدلەرنىڭ قېنى ئۇنتۇلمىسۇن! 70 يىللىق خىتتاي مۇستەملىكىسىگە خاتىمە بىرەيلى دەيدىغان ئەۋلادلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلسۇن. بۇ دەۋا مەسئۇلىيەت ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدىغان دەۋادۇر. بارلىق ئەلسۈيەر ۋە ۋەتەن مىللەت دەرەدىدە يۈرەكلىرى قان بولىۋاتقان بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئىككى پائالىيەتكە پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئۇچۇرنى باشقا قېرىنداشلار، ئالاقىدار دوستلار مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى ، تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشىڭلارنى سورايمىز.
پائالىيەت ئالاقىسى ئۈچۈن
0411857847؛ 0435359449
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى
2019-يىل 20-ئىيۇن پەيشەنبە